تورماھىرى^tormahiri
  • بلوگ
  • php دەرسلىرى

python دا ھۆججەت ئىزدەش

6/12/2014

 
بۇ كىچىك پىروگىراممىنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلسىڭىز ،كىڭەيتىلگەن نامى xml دىن باشلانغان ھۆججەتلەرنى سىزبەلگىلەپ بەرگەن مۇندەرىجە ئىچىدىن تىپىپ چىقىدۇ،ئاندىن نەتىجىنى بىردانە txt ھۆججىتى ئىچىگە قالدۇرىدۇ،ئەلۋەتتە تاپماقچى ۋە بولغان مۇندەرىجە ۋە ھۆججەتنىڭ كىڭەيتىلگەن نامىنى ئۆزىڭىز بەلگىلەپ بىرىىسز!
كود

  import os   # izidmakqi bolgan mundaria mundarija = 'C:\java\.idea' # kigaytilgan namini xlmnig orniga .txt digandak alamxurug kigaytilganName = '.xml' natija = 'tapkini.log'  results = str()   for dirpath, dirnames, files in os.walk(mundarija):     for name in files:         if name.lower().endswith(kigaytilganName):                        results += '%s\n' % os.path.join(dirpath, name)   # log hojjitiga natijini yazidu with open(natija, 'w') as logfile:     logfile.write(results)  
چۈشۈرۈش

javascriptدىكى بارلىق ھادىسىلەر تىپىغا ئىرىشىش

6/11/2014

 
تۆۋەندىكى كودنى ئىجرا قىلسىڭىزلا،javascript دىكى بارلىق ھادىسىلەر تىپنىڭ تىزىملىكىگە ئىرىشەلەيىسز
  Object.getOwnPropertyNames(document) .concat(Object.getOwnPropertyNames(Object.getPrototypeOf(Object.getPrototypeOf(document)))) .filter(function(i) {return !i.indexOf('on') &&(document[i]==null||typeof document[i]=='function');}) 
نەتىجە
图片

html دا php كودىنى ئويناش

5/18/2014

 
بۇ بىرخىل ھۆنەر ھەم تېخنكا،بۇتېخنىكا بىلەن سىز html ھۆججىتىنىڭ ئىچىگە بىۋاستە php كودىنى يىزىپ مەشغۇلات قىلالايسىز
تۆۋەندىكى كودنى htaccess ھۆججىتنىڭ ئىچگە يىزىپ ساقلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ
كود

Read More

inputرامكىسىدا ئېلخەت ئادرىسىنى ئىنىقلاش

5/16/2014

 
تۆۋەندىكى كود بىلەن ،بىز html دا input رامكىسىغا كىرگۈزۈلگەن ئۇچۇرنىڭ چوقۇم ئېلخەت ئادرىسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايمىز،ئەگەر ئىشلەتكۈچى input رامكىسىدىكى بىزبەلگىلگەن ئېلخەت ئادرىسىنى كىرگۈزۈش رامكىسىغا ئېلخەتتىن باشقا ئۇچۇرلارنى توشقۇزغان ئەھۋال ئاستىدا تۆۋەندىكى كود ،ئىشلەتكۈچىدىن چوقۇم بۇرامكىغا ئېلخەت ئادرىسىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ،ئۇنداق بولمىغاندا ئىشلەتكۈچى بۇرامكىدىن باشقا رامكىغا ئۆتەممەيدۇ


Read More

Android قا ئەپ ئاچقاندا ئادرىس تەكشۈرۈش

5/8/2014

 
ئاندرىرويىد سۇپىسىغا ئەپ ئاچقان ۋاقىتتا بىز Editbox قا كىرگۈزۈلگەن مەزمۇننىڭ توربىكەت ئادرسىمۇ ياكى ھەرىپ بەلگىلەر تىزىقىمۇ بۇنى تۆۋەندىكى كود ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئىنىقلىيالايمىز

Read More

 sql دىكى like جۈملىسنى قوللىنىش

1/1/2014

 
sql دىكى like جۈملىسى سانلىق مەلۇمات جەدۋىلى ئىچىدىكى مەلۇم بۆلەكتىن ماس شەكىلنى ئىزدەشكە قوللىنىلىدۇ!
مەسىلەن
SELECT * FROM jadwalnami WHERE xahar LIKE 'h%';
ئۈستدىكى sql جۈملىسى ئارقىلىق بىز jadwalnami دىگەن جەدۋەلنىڭ شەھەر دەپ نام بىرىلگەن بۆلىكدىن (cloumn) دىن h ھەرىپىگە ماسلاشقان بارلىق شەھەر ئىسمنى تاپالايمىز

[دەرسلىك] js دە ئۆزلىكىدىن ئىجرا بولدىغان فۇنكىسيە

11/14/2013

 

javascrcipt  دا فۇنكىسيەلەر بىرقانچە تۈرگە بۆلىندىغان بولۇپ، stament,expression ۋە self-excuting قاتارلىقلار بۇلارنىڭ ئىچىدىن self-excuting فۇنكىسيەسى ئۆزلۈكىدىن ئىجرا بولىدىغان فۇنكىسيە بولۇپ بەزىدە annonymous دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇخىل فۇنكىسيە داڭلىق jquery ئامبىرىدا قوللنلغان بولۇپ ، بۇفۇنكىسيەنى قوللانغاندا فۇنكىيسە ئىسمىنى چاقىرىشنىڭ ھاجىتى يوق ، مەسىلەن
jsدا فۇنكسيە مۇنداق يېزىلغان بولسا
  1. var bir = 'tor';
  2. var ekki = 'mahiri! ';

  3. function funkisya(){
  4.   return bir  + ' ' + ekki;
  5. }
بۇنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن فۇنكىيەنى
  1. console.log(funkisya());
ئارقىلىق چاقىرىمىز، ئۇنداق چاقىرمىغاندا بۇ فۇنكىيسە خام ھالەتتە ئىجرا بولمايدۇ، ئىچكى ساقلىغۇچدىن ئورۇن ئىگىلەپ تۇرىدۇ، ئەمدى بىز ئۆزلۈكىدىن ئىجرا بولىدىغان فۇنكىسيەنى يېزىپ كۆرۈپ باقىلى
  1. (function(){
  2.   console.log('tormahiri.com');
  3. })();
راستتىنلا قىززىقارلىقمىكەن، سىزبۇ ئۆزلۈكىدىن ئىجرا بولىدىغان فۇنكىيسەنىڭ يىزىلىش ئۇسۇلىغا، شۇنداقلا كىچىك ۋە چۇڭ تىرناقلارغا دىققەت قىلىڭ
تېخىمۇ قىزىقارلىق ئۆزلۈكىدىن ئىجرا بولىدىغان فۇنكىسيەنىڭ ئاخرىىغا () نى قويغاندا  يۈزبىرىدۇ، بۇخىل نامسىز فۇنكىسيەنىڭ ئىچىگەيېزىلغان كود ئۆزلۈكىدىن بەت يۈكلىنىشى بىلەنلا تەڭ ئىجرا بولىدۇ، قالتىسمىكەن، ئۆزىڭىز قول سىلكىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. 
توربىكىتىمزدە تېخمۇ كۆپ ھەقسىز سۈرەتلىك 3-قىسىم javascript دىكى ئاساسلىق بىلىملەر سۆزلەنگەن دەرسلىك تەمنىلەندى، كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ

[ئىجادى]Jquery نىڭ ئاككوردىيون قىستۇرمىسى

11/13/2013

 
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم 
قىرىنداشلىرىمىزغا توربەتچىلىك ئىشلىرىدا ئازتولا-ياردىمى بولسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن مەقستە بۇ قىستۇرمىنى يىزىپ 
چىقتىم،بۇقىستۇرمابىلەن مەزمۇننى بىرلا چىكىش ئارقىلىق يوشۇرۇش،ۋە يەنە بىرچىكىش بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشدەك ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ، بۇ بىردانە js ۋە css ھۆججىتىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ سىغمى 2kb توربىكەت ياساش تۈرلىرڭىزدە ئادرىسنى ئۇلاپ ياكى چۈشۈرپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
ئاۋال قىستۇرمىنى بىتىڭىزگە يۈكلەڭ

قىستۇرمىنىڭ يۈكلەش ئادرىسى
    <link rel="stylesheet" href="http://apk.tormahiri.com/ambar/parda.css" />
        <script src="http://apk.tormahiri.com/ambar/parda.js"></script>

قىستۇرما يۈكلەنگەندىن كىيىن html نىڭ body قىسمىغا تۆۋەندىكى id قىممەتنى يىزىڭ
<dl id="parda">
        <dt>تىما</dt>

        <p>بۇيەرگە خالىغانچە مەزمۇن قىستۇرسىڭىز بولىدۇ،بۇيەرگە خالىغانچە مەزمۇن قىستۇرسىڭىز بولىدۇ،بۇيەرگە خالىغانچە مەزمۇن قىستۇرسىڭىز بولىدۇ،بۇيەرگە خالىغانچە مەزمۇن قىستۇرسىڭىز بولىدۇ.</p>
        </div>
        <dt>تىما</dt>
        <p>بۇيەرگە خالىغانچە مەزمۇن قىستۇرسىڭىز بولىدۇ،بۇيەرگە خالىغانچە مەزمۇن قىستۇرسىڭىز بولىدۇ،بۇيەرگە خالىغانچە مەزمۇن قىستۇرسىڭىز بولىدۇ،بۇيەرگە خالىغانچە مەزمۇن قىستۇرسىڭىز بولىدۇ.</p>

    </dl>

ئاخرىدا بەتنى ئىچىپ ئۈنۈمىنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ئادرىستىن ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز
كۆرۈش
图片

سانلىق مەلۇمات دىئاگىرامى لايىھەلەش

11/2/2013

 
سانلىق مەلۇمات دەيدىغان بۇئاتالغۇ كۆپىنچە كىشىلەر قىززىقماسلىقى مۇمكىن ئەمما مەن ئىنتايىن قىززىقەن،بىكەت ئاچقاندا سانلىق مەلۇمات بىرتەرەپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ۋە شۇنداقلا مۇرەككەپ چىگىچ بىر مەسىلە،سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇشتىن بۇرۇن سانلىق مەلۇمات دىئاگىرامىنى لايىھەلەش ئارقىلىق ۋاقىت ۋە چىگىچلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
ئەمدى مەقسىتىمگە كەلسەك،سانلىق مەلۇمات دىئاگىرامى لايىھەلەيدىغان قوراللار كۆپ بولسىمۇ،بۇلارنى ئىشلەتكۈچى كومپيۇتېرىغا قاچىلاشنى ياخشى كۆرمەسلىكى مۇمكىن،تۆۋەندىكى بىكەت ئارقىلىق بىز سانلىق مەلۇمات دىئاگىرامىنى توردىلا لايىھەلەلەيمىز ،مەن لايىھەلىگەندىن بىرمىسال

Read More

[css3]يۇمۇلاق تىزىملىك كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ماسلشىشچان

10/30/2013

 

css  ئاستى ئۈستىگە تيىلدىغان تىيلغۇچ ياساش

8/29/2013

 
بۇ كود ناھايتى پاكىزە،html ئېلمىنتىندىن پەقەت بىرنىلا تەلەپ قىلىدۇ،ھىچقانداق javascript نىڭ ئېلمىنت ھەرىكەتلەندۈرۈش قىستۇرمىسى تەلەپ قىلمايدۇ بۇكودتىن پۈتۈپ چىقىدىغان ئۈنۈم كونۇپكىنى باسقاندىن كيىن ئىچىدىكى مەزمۇن ئۈستىگە تيىلدۇ،يەنە بارسقاندىن ئاستىغا تيىلىدۇ،ئەمىسە كودنى يىزىشنى باشلايلى،ئاخرىدا ئۈنۈمىنى كۆرىمىز

css كودىغا بۇنى يازىمىز


Read More

ie6,7,8,9 لارغا Css3 نى تونۇتۇش تېخنېكىسى

6/21/2013

 
مىكروسوفىتنىڭ تورزىيارەت قىلىش  يۇمشاق دېتالى internet explorer زامانىۋى بىزەش تېخنكىسى بولغان Css3 باياناتلىرنى تونۇمايدۇ،جۈملىدىن خاسلىقلىرىنى ،يىقىندا مىكروسوفىت ie6,7,8,9 لارنى ھىسابقا ئالمىغاندا ئۆزىنىڭ يىڭى تەتقىقاتى بولغان Ie10 غا html5 ۋە css لارنى تونۇتۇش ئىقتىدارىنى قوشۇپ مۇكەممەلشتۈرمەكتە،ئەسلىدە ھەممە ئادەم chrome ,ياكى Firefox,opera قاتارلىق تور كۆرگۈچلەرنى ئىشلەتكەن بولسا ئىدى ،css3 باياناتلىرىنى ie نىڭ تۆۋەن نەشىرلىرىگە قارىتا تونۇتۇش ئۈچۈن ئىزدىنىپ يۈرمەس ئىدۇق،ھازىر تونۇشتۇرماقچى بولغان تېخنىكا ئارقىلىق مىكروسوفىتنىڭ تۆۋەەن نەشىردىكى توركۆرگۈچلىرىگە css3 نىڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان باياناتلىرىنى تونۇتۇش تېخنكىسى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن،ئەمما بۇcss3 نىڭ ھەممە باياناتلىرىنى تونۇيدۇ دىگەنلىك ئەمەس،پەقەت ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان قىسمەن باياناتلىرى بىلەنلا چەكلىنىدۇ!
border-radius
box-shadow
border-image
كۆپ رەسىمنى تەگلىك قىلىپ ئىشلىتش
linear-gradient خاسلىقىنى تەگلىك رەسىم سۈپىتىدە ئىشلىتىش قاتارلىقلار 
مەن بۇيەردە پەقەت border-raidus,box-shadow,gradient-linear قاتارلىقلارنى سىنىدىم باشقا خاسلىقلىرىنى ئۆزىڭىز سىنىۋالسىڭىز بولىدۇ
ئەمىسە ئەسلى مەقسەت بولغان تونۇتۇش تېخنكىسنى باشلايلى 
ئاۋال بۇ رەسىمگە قاراڭ

Read More

ccss3 مەشغۇلاتىڭىزنى قولايلىقلاشتۇرۇدىغان 10خىل قورال

6/17/2013

 
Css3 لايھىەسى توربىكەت گۈزەللەشتۈرگىچىلەرگە نىسبەتەن قالتىس ئۈنۈمۈ پۇرسەتلەرنى بىرىۋاتىدۇ،بۇيەرگە جۇغلانغان 10خىل قورال css3 لايھىەسى بىلەن توربىكەت گۈزەللەشتۈرگىچىلەرگە ئازمەشغۇلات بىلەن كۆپ ئۈنۈمگە ئرىشىشدەك ۋاقتىنى ساقلايدىغان پۇرسەت يارېتىدۇ ئەمەىسە باشلايلى

Read More

ئەڭ ياخشى كود تەھرىرلىگۈچ Sublime text 2

5/24/2013

 
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار
ئاللاھ ئىشلىرىمىزغا بەرىكەت بەرسۇن
مەقسەتكە كىلەيلى ھەربىر توربىكەت پىروگىراممىلىرنى ئاچقۇچى ئۈچۈن مۇھىم بولىدىغان نەرسىنىڭ بىرى بولسا كود تەھرىرلىگۈچ بولۇپ پىروگىرممىرلار كود تەھرىلىگۈچنى تاللاشقا كەلگەندە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ،كود تەھرىرلەش قوراللىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن بەزى پىروگىراممىرلار ياقتۇرغاننى بەزى پىروگىراممىرلا ياقتۇرماسلىقى مومكىن،شۇنداقلا بەزى كود تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىتقتىدارىنى يەنە بەزى توركود تەھرىلىگۈچنىڭ ئىقتىدارىدىن ياخشىراق بىلىشى مومكىن ،ئەمما بۆگۈن خەلقئارادا كۆپ قوللىنىۋاتقان ئۆزى يىنىك قىستۇرما ئۇسلۇب ،كود ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئىقتىدارى مۇجەسسەملەنگەن خەلقئارا پىروگىراممىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىپ ئالدىنقى تاللىشى بولۇۋاتقان بىر كود تەھرىرلىگۈچنى تونۇشتۇرماقچىمەن،ھەمدە بەزى ئىشلەتكۈچىلەر مەندىن دەرسلىكدە قايسى كود تەھرىرلىگۈچنى ئىشلەتكەنلىكىمنى سوراپ تەلەپ قىلغانلارمۇ بار،بۇ كود تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىسمى sublime text بولۇپ ھازىر sublime text3 نەشىرى چىقتى،چەتئەل ۋە باشقا يات تىلدىكى توربىكەتلەردىن sublime text3 ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان دەرسلىكلەرنى ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ،چۈنكى بۇ كود تەھرىرلىگۈچنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىشلىتىش قىمىتى بار،بەزىلەر notepad++ نى تاللىشى مومكىن،ئەلۋەتتە بۇمۇ ناھايتى ياخشى كود تەھىرلىگۈچ جۈملىدىن بۇرۇن مەنمۇ ئىشلىتپ باققان،ھازىر notepad++ قا ئۇيغۇر تېىلى يىزىقىمۇ قوشۇلدى،شۇڭا بىزگە نىسبەتەن ئىشلىتشمىزگە ئەرزىيدۇ،ئەمما كىينچە sublime text نى ياقتۇرۇپ قالدىم،دائىملار داڭلىق پىروگىراممىرلارنىڭ مۇشۇ قورالنى تەۋسىيە قىلغانىلىقى كۆرۈپ ئىشلىتپ بىقىپ ھازىر بۇ كود تەھرىرلىگۈچنىڭ ھەقىقەتەن ياخشىلىقى ۋە ئىقتىدارىنىڭ مول ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھىس قىلدىم،دىمەكچىمەنىكى مىنى ناھايتى جەلىپ قىلىۋالدى
تەھرىرلىگۈچنىڭ كۆرۈنمە يۈزى


Read More
<<Previous
Powered by Create your own unique website with customizable templates.